Gulbahar Rozi - Wijdan Soriqi текст песни
Исполнитель:
Gulbahar Rozi
альбом: Wijdan Soriqi
كۆز ئاچسام دۇنياغا مەن بولۇپ ئادام
ياشايسەن نېچۈن دەپ سورىدى ۋىجدان
كۆز ئاچسام دۇنياغا مەن بولۇپ ئادام
ياشايسەن نېچۈن دەپ سورىدى ۋىجدان
چوڭ بولدۇم ياشىدەم خېلى ياشقىچە
ھاياتنىڭ يولىدا داۋام ئاشقۇچە
تاپمىدىم جاۋابنى بولغاچ بەك نادان
تاپمىدىم جاۋابنى بولغاچ بەك نادان
قەلبىمدە ئۆكۈنۈش مىڭ بىر پۇشايمان
ۋىجدانىم سوراقتىن توختىمايدۇ ھېچ
قەلبىمدە ئۆكۈنۈش مىڭ بىر پۇشايمان
ۋىجدانىم سوراقتىن توختىمايدۇ ھېچ
نىمە دەي ئىجادتىن بولمىسا تۆھپەم
قىزاردى يۈزلىرىم يۇقالدى كۈلكەم
يۈرۈگۈم جاۋابسىز تۇراتتى تىپتىنچ
يۈرۈگۈم جاۋابسىز تۇراتتى تىپتىنچ
دېدىكى ۋىجدانىم كۆز ئېچىپ قارا
كارۋانغا ئەگىشىپ سالغىن جەڭگە ئات
دېدىكى ۋىجدانىم كۆز ئېچىپ قارا
كارۋانغا ئەگىشىپ سالغىن جەڭگە ئات
غەيرەتتىن ئويغۇنۇپ قەددىمنى رۇسلاپ
ئىنتىلدىم كۈرەشكە مەنزىلنى بويلاپ
سەزدىم مەن ئۆزەمنى شۇچاغدا پەرھات
سەزدىم مەن ئۆزەمنى شۇچاغدا پەرھات
ياشايسەن نېچۈن دەپ سورىسا ۋىجدان
ئەل ۋەتەن ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بېرىمەن
ياشايسەن نېچۈن دەپ سورىسا ۋىجدان
ئەل ۋەتەن ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بېرىمەن
بۇ ياشاش يولۇمدۇر يانمايمەن ھامان
ۋەتەن خەلق ئۈچۈن بارلىغىم قۇربان
بۇ ياشاش يولۇمدۇر يانمايمەن ھامان
ۋەتەن خەلق ئۈچۈن بارلىغىم قۇربان
Поcмотреть все песни артиста
Другие альбомы исполнителя